باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتمىزدە ھەر يىلى 80 مىليون ئوقۇغۇچى ياردەمگە ئېرىشىدۇ

دۆلىتىمىزدە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىسىتېمىسى بەرپا قىلىندى

2012.11.14 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-نويابىر، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۇيرېن تورداشلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىن تاكى ئاسپىرانتلار مائارىپىغا قەدەر ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىدىغان مۇكەممەل سىسىتېما بەرپا قىلىندى. ھەر يىلى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ياردەمگە ئېرىشىدىغان ئوقۇغۇچى 80 مىليونغا، ياردەم مەبلەغ 98 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. ئوتتۇرا-غەربىي قىسىمدىكى جايلاردا ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يول خىراجىتىگە ياردەم بېرىش تۈرى يولغا قويۇلدى. يۈەن گۇيرېن مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىلقى كۈزلۈك ئوقۇش ماۋسۇمىدىن باشلاپ، يېزىلاردا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇتۇش، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا ھەقسىز ئوقۇتۇش دائىرىسىنى بارلىق يېزىلق ئوقۇغۇچىلار، شەھەرلەردە يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغىچە كېڭەيتىشنى قارار قىلدى. (ياڭ مىڭفاڭ، جاۋ ئېنا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە