باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قوماندانى تەكشۈرۈلمەكتە

2012.11.14 09:27        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاخبارات باشقارمىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، چەتئەلدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانىتتا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئېللوننى تەكشۈرمەكتە ھەمدە ئۇنى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئالى ھەربىي ئەمەلدارلىقىغا كۆرسىتىش تەرتىپىنى ۋاقىتلىق توختاتتى. تەكشۈرۈش مەزگىلىدە ئېللون ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىۋېرىدۇ.

  ئېللون 2011-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا ئارمىيەسنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قوماندانى بولغان. باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، ئېللوننىڭ بۇ قېتىم تەكشۈرۈلۈشى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى پىتروۋىسنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشىندارچىلىق سەتچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئەمما ئېللون نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ناتوغرا قىلمىشىنى ئىنكار قىلدى. قوشما شىتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنى ئېللوننىڭ ئۆتكەن ئىككى يىلدا كەيلى ئىسىملىك بىر ئايال بىلەن يوللاشقان 20،30مىڭ بەتلىك ئېلخەت مەزمۇنى بىلەن تەمىنلدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە