باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شەھەر باشلىقى ئاچلىق ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىشىنى تەلەپ قىلدى

2012.11.14 09:22        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 11-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە پارىژنىڭ شىمالىدىكى سېۋران شەھىرىنىڭ باشلىقى ستېفان گاتىنون شۇ جاي ۋاقتى 9 –نويابىردىن باشلاپ، پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان پارلامېنت بىناسى ئالدىدا چېدىر قۇرۇپ ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئېتىراز بىلدۈردى ۋە فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېۋران شەھىرىگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. فىرانسىيە ئىچكى كابېنت مىنستىرى مەنيۇل ۋالس 10-نويابىر پارلامېنت بىناسىغا بېرىپ، گاتىنۇننى يوقلىدى.

  گاتىنۇن مۇنداق دىدى: سېۋران شەھىرى ئېغىر مالىيە قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلدى، بىز فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن نورمىدىن سىرت سېۋران شەھىرىگە بەش مىليون ياۋرو خامچوت ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. گاتىنۇن يەنە دۆلەتنىڭ شەھەرلەرگە بېرىلىدىغان ئۆز ئارا ياردەم مەبلىغىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، (بۇ خىل مەبلەغ فىرانسىيەنىڭ مەبلەغ تەكشى بولماسلىقتىكى بوشلۇقنى ئېتىش ئۈچۈن شەھەرلەرگە تارقىتىپ بېرىدىغان مەبلەغ).

  گاتىنۇن مۇنداق دىدى: «بۇ يىل يازدا فىرانسىيە بانكىلىرى بىزگە قەرز بەرمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ قەرزنى قايتۇرالماسلىقىمىزدىن ئەنسىرىدى. بىراق، سەككىز مىليون ياۋرولۇق قۇرۇلۇشتا بىز ئاللىقاچان ئىش باشلاپ بولدۇق». گاتىنۇن بۇ بەش مىليون ياۋرولۇق ياردەم مەبلىغى بولمىسا، فىرانسىيە بانكىلىرىنىڭ بۇ شەھەرگە يەنە قەرز بەرمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، سېۋران شەھىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 51000 بولۇپ، بۇ بىر كىچىك شەھەر ئىكەن، باج كىرىمى ئاز، باشقا كارخانىلىرىمۇ يوق، شۇڭا ئۇنىڭ خامچوتى باشقا شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %35 تۆۋەن تۇرىدىكەن.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە