باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەكىل مۇھەممەتجان ئۆمەر ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداش كېرەك دېدى

2012.11.13 09:39        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلى دەرياسى بويىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيەسى ئونيار يېزىسى بۆلۈكەي كەنتى بەش مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ياشايدىغان ئاز سانلىق مىللەت كەنتى. 1981-يىلىدىن تارتىپ، مۇھەممەتجان ئۆمەر بۆلۈكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولۇپ كەلگەن ئىدى، ئۇ 2001-يىلى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن پېنسىيەگە چىقتى. لېكىن، 2003-يىلىدىن بۇيان، كەنت ئاممىسى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مالىيەسى قالايمىقان، كەنتنىڭ كوللېكتىپ يەرلىرى قالايمىقان ھۆددىگە بېرىلدى، كادىرلار ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىپ، ئۆزىنى سەمرىتتى دەپ يۇقىرىغا كۆپ قېتىم ئەرز قىلدى. 2006-يىلى 7-ئايدا، مۇھەممەتجان ئۆمەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلىشى، يېزىلىق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، يەنە بىر قېتىم كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولدى. ئۇ ۋەزىپىگە چىققان 1-كۈنىلا كەنت ئاھالىلىرىگە كوللېكتىپ يەرلىرىنى ھۆددىگە بېرىش ئىشىدا، سىلەرگە رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلدى. مۈشكۈل پەيتتە ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان مۇھەممەتجان ئالتە يىل ئىچىدە، كوللېكتىپ قەرزى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، دېھقانلارنىڭ يانچۇقى قۇرۇقدىلىپ قالغان كەنتنى ناھىيە بويىچە 1-باي كەنت، يېڭى يېزا سىناق قۇرۇلۇشى كەنتىگە ئۆزگەرتتى. بېيجىڭدا 18-قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىل مۇھەممەتجان ئۆمەر مۇخبىرغا كەنتتىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: كەنتتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىچىك ئىشلار، لېكىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ياخشى قوغدىساق، ياخشى ئىشقا ئاشۇرساق، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرساق، ئاممىمۇ بىزدىن رازى بولىدۇ، بىزنى ھىمايە قىلىدۇ.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}