پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. 5-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى قىسمەن ۋەكىللەر 6-نويابىر يەنى بۈگۈن ئەتىگەندىلا تيەنئەنمىن مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق ئالامەتلىرى پارلاپ تۇراتتى. ۋەكىللەر ھەر قېتىم بېيجىڭغا كەلگىنىدە، تيەنئەنمىن مەيدانىغا بېرىشنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمايتتى.