باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپان ـ ئۈرۈمچى تاشيولىدا چوڭ تىپتىكى يېرىم پرىتسېپلىق ماشىنىغا ئوت كېتىپ 12 يېڭى ماشىنا كۆيۈپ كەتكەن

2012.11.13 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى خەۋىرى: 12-نويابىر سائەت 7:00لەردە، تۇرپان ـ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ 642 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە 20دىن ئارتۇق يېڭى پىكاپ قاچىلىغان چوڭ تىپتىكى يېرىم پرىتسېپلىق ماشىنىغا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن، ماشىنىلارنىڭ بىر ـ بىرلەپ كۆيۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان شوپۇرنى يىغا بېسىپ تۇراتتى.

  20دىن ئارتۇق يېڭى پىكاپ باسقان چوڭ تىپتىكى يېرىم پرىتسېپلىق ماشىنىغا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى (ئىختىيارىي مۇخبىرى ۋېيجۈەن فوتوسى)«بىز نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، ئوت ئاللىقاچان ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلۈپ بوپتۇ، شۇ چاغدا 20دىن ئارتۇق يېڭى پىكاپ يۈك ماشىنىسىغا رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 12 پىكاپ پۈتۈنلەي كۆيۈپ جازىسىلا قىپقالغان، ئەڭ ئېغىرلىرىنىڭ ھەتتا پولات ئەگمىلىرىمۇ كۆيۈپ كەتكەن، بىر چەتتە قاراپ تۇرغان شوپۇرمۇ تۈگىشىپلا كەتكەن ئىدى.

  ساقچى تەرەپ بۇ يېرىم پرىتسېپلىق ماشىنىنىڭ ئىچكىرىدىىن شىنجاڭغا پىكاپ يۆتكەپ فۇكاڭغا كېتىۋاتقانلىقىنى، شوپۇرنىڭ ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىزلا ماشىنىنىڭ ئوڭ ئارقا تەرىپىگە ئوت كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ماشىنىنى دەرھال يول بۇيىغا توختىتىپ119غا تېلىفون قىلغانلىقىنى ئېيىتتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە