باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى «جۇڭگونىڭ مائارىپ ئادىللىقى» دېگەن تېمىدا تور سۆھبىتى ئۇيۇشتۇردى

2012.11.14 14:18        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، بۈگۈن كەچ سائەت 20دە، 18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى «جۇڭگونىڭ مائارىپ ئادىللىقى» دېگەن تېمىدا تور سۆھبىتى ئۇيۇشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈەن گۈيرېن تورداشلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: مائارىپ ئادىللىقى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە چېتىلىدۇ. 16-قۇرۇلتايدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن مائارىپ ئادىللىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي مائارىپ سىياسىتى قىلىپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئىككى چوڭ ئىستىراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلىپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە زور قەدەم تاشلاپ، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}