باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق مېھمانخانىغا ئاسما گىلەم تەقدىم قىلدى

2012.11.13 16:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆز خەۋىرىمىز . 12-نويابىر چۈشتىن كېيىن ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق مېھمانخانا — جۇڭگو ئىشچىلار ئائىلىسى مېھمانخانىسىنىڭ 1-قەۋەتتىكى چوڭ زالىدا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭ شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن ئاسما گىلەمنى مېھمانخانىغا تەقدىم قىلىپ ، مېھمانخانىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە قىلغان قىزغىن ۋە ئەتراپلىق مۇلازىمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى .

  خەن يۇڭ تەقدىم قىلىش مۇراسىمىدا ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بارلىق ئەزالارغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ، جۇڭگو ئىشچىلار ئائىلىسى مېھمانخانىسىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى .

  مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى چېن روڭشۇ مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە مېھمانخانىغا ۋاكالىتەن سوۋغىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ھەمدە ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ ، يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

  جۇڭگو ئىشچىلار ئائىلىسى سېتىش بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى ۋاڭ زۇڭچاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : 18-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە شىنجاڭ ، خۇبېي ، سىچۈەن قاتارلىق يەتتە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى مىڭغا يېقىن ۋەكىل ۋە مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىنى كۈتۈۋېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق . ۋەكىللەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا يىغىنغا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1500 دىن ئارتۇق خىزمەتچىنى ئاجرىتىپ ، ۋەكىل ۋە خىزمەتچىلەرنى 24 سائەت ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدۇق . شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بىر نەپەر ئاز سانلىق مىللەت خادىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى نەپەر ئالاقە خادىمىنى سەپلەپ بەردۇق ، مەخسۇس مۇسۇلمانچە ئاشخانا تەسىس قىلىپ ، شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىدىن تۆت نەپەر ئاشپەزنى ۋاقىتلىق يۆتكەپ كېلىپ ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تامىقىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۇلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ ، ۋەكىللەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتۇق .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە