باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا يېپىلدى(1)

قۇرۇلتايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى

2012.11.15 11:21        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە)»توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى

  يولداش خۇجىنتاۋ قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم قۇرۇلتاي قارالمىلىرى ئورۇندالغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سېستىمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم پارتىيە ۋە خەلقنىڭ 90 نەچچە يىللىق كۈرىشى، ئىجادىيىتى، جۇغلانمىسىنىڭ ئاساسىي مۇۋاپىقىيەتلىرى بولۇپ، ھەسسىلەپ قەدىرلەش، باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ئۆزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش شەرت. بۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ قائىدىسى. پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى قەتئىي تېزلىتىپ، خەلقنى يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يول ئېچىپ دادىل ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.


  قۇرۇلتايدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تېخىمۇ بەختىيار، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى چاقىرىق قىلىندى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14-نويابىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىققان، پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە)» توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، 14-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى.

  قۇرۇلتاي پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىرلىكتە جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تېخىمۇ بەختىيار ۋە گۈزەل ئەتىسىنى بەرپا قىلىشقا چاقىردى.

  يولداش خۇجىنتاۋ قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  خۇجىنتاۋ، جياڭ زېمىن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يوڭكاڭ، ۋاڭ گاڭ، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، ۋاڭ چىشەن، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ليۇ يۈنشەن، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ۋاڭ ياڭ، جاڭ گاۋلى، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، شۈ سەيخۇ، گو بوشيۇڭ، لى پېڭ، جۇ روڭجى، لى رۈيخۇەن، سۇڭ پىڭ، ۋېي جيەنشىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لو گەن، فەن چاڭلۇڭ، شۈ چىلياڭ، خې يۇڭ، لىڭ جىخۇا، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىق قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ تەركىبىدىكىلەر رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمى باشلاندى.

  بۈگۈن قۇرۇلتايغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل 2325 كىشى بولۇپ، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2307 كىشى، قۇرۇلتايغا ئەمەلىي قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ سانى قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل سانىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ، قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولدى.

  قۇرۇلتاي ئالدى بىلەن ئىككى باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە 36 بېلەت نازارەتچىسىنىڭ ئىسىملىكىنى ماقۇللىدى.

  باش بېلەت نازارەتچىلىرى بىلەن بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ نازارىتىدە، قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر ئىمزاسىز ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 205 ئەزا، 171 كاندىدات ئەزادىن تەركىب تاپقان 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنى سايلىدى ھەم 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 130 ئەزاسىنى سايلاپ چىقتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}