- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
چەتئەل رەھبەرلىرى: جۇڭگو تېخىمۇ گۈللىنىدۇ ۋە قۇدرەت تاپىدۇ
2012.11.15 09:17
جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان پەيتتە كېنىيە باش مىنىستىرى ئوتىنگا، نېپالنىڭ سابىق باش مىنىستىرى پىراچاندا، دانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى تىيىز فىنتا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى ئايرىم-ئايرىم قوبۇل قىلدى. ئۇلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاچقۇچلىق پەيتكە كىرگەندە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو تېخىمۇ گۈللىنىدۇ ۋە قۇدرەت تاپىدۇ.
ئوتىنگا مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن فاڭجېن ۋە ئىستىراتېگىيەنىڭ ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە پايدىلق بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
پراچاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى پۈتكۈل يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم پارتىيەلەرنىڭ بىرى. مېنىڭچە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
مەنبەسى :جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە