باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قىسمەن چەتئەل رەھبەرلىرى، پارتىيەلىرى، دوست تەشكىلاتلار 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2012.11.14 15:10        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ | يوللانغان ۋاقىت: 2012-11-14 11:41


جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان پەيتتە، بىر قىسىم چەتئەل رەھبەرلىرى، پارتىيەلىرى، دوستلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دوست ئەربابلار داۋاملىق تېلېگرامما ياكى خەت ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلىدى.

گرىتسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ خەلقئارا رەئىسى، سابىق باش مىنىستىرى پاپەندىرىۋو تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: مەن 18-قۇرۇلتايدا چىقىرىلغان مۇھىم قارارلارنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يەنىمۇ يول ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن كەلگۈسىدە بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

سېنگال تەرەققىيات كۈچ ئىتتىپاقىنىڭ باش سېكرېتارى، خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مۇزتافا نىياز تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگوغا بولغان ئەھىمىيتى زور، ئىككى دۆلەت، ئىككى پارتىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بلورۇسىيە كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-سېكرېتارى كالبيناكو تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي تارىخىي خارەكتېرلىك كاتتا ئىش بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى ئابىدە تىكلەپ بېرىدۇ. كەلگۈسىدە ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.

ئېفىئوپىيە خەلق ئىنقىلابى دېموكراتىك فرونتى مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ مەسئۇلى تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو خەلقىگىلا بەخت يارىتىپ قالماستىن، بەلكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بولۇپمۇ ئافرىقا خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈنمۇ مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىز جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان قارارلانىڭ جۇڭگونىڭ نۆۋەتتە يولۇقىۋاتقان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى يولۇقىۋاتقان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردىمى بولىدىغانلىقىغا ئىشنىمىز.

كامبودژا، تايلاند، ياپونىيە، رۇمىنىيە، سۇدان دوگو، لىۋان، قىرغىزىستان، گرىتسىيە، نېپال، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، پارتىيەلىرى، دوستلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دوست ئەربابلار تەبرىك تېلېگراممىسى ۋە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.




مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە