- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
فىرانسىيەدىكى %60تىن ئارتۇق سايلىغۇچى ساركوزىنىڭ سىياسىي مۇنبەرگە قايتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن
2012.11.14 09:23
ياۋروپا ۋاقىت گېزىتىنىڭ 12-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيەدىكى IFOP ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ «يەكشەنبىلىك ھەپتىلىك گېزىتى»دە ئېلىپ بارغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولىشىچە، فىرانسىيەدىكى ئەڭچى پارتىيە خەلق ھەرىكىتى ئىتتىپاقىدىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم سايلىغۇچى ساركوزىنىڭ سىياسىي مۇنبەرگە قايتىپ كېلىشى ھەمدە 2017-يىلىدىكى پرېزىدېنت نامزاتى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
ئۇندىن باشقا ئوڭچى سايلىغۇچىلار خەلق ھەرىكىتى ئىتتىپاقى بىلەن ئوڭچى پارتىيە خەلق فىرونتى ئارىسىدا ئىتتىپاق تۈزمەسلىك مەسىلىسىدە پىكىر ئىختىلاپى بار ئىكەن، %50 سايلىغۇچى ئىتتىپاق تۈزۈشنى، %50 سايلىغۇچى ئىتتىپاق تۈزمەسلىكنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە