باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2012.11.14 09:09        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنۇلار جاكارلاندى: «گۈزەل جۇڭگونى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز». «گۈزەل جۇڭگو» دېگەن سۆز قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ مىليارد ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

  يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى«گۈزەل جۇڭگو» بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئاكتىپ پىكىر تەكلىپ بەردى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ۋەكىل باتۇر مۇنداق دېدى: بەدەل تۆلەشتىن قورقمايدىغان ئەنئەنىۋى يۇقىرى سېلىنمىلىق، يۇقىرى سەرپىياتلىق، يۇقىرى بۇلغىنىشچان، ماسلاشمىغان، تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئېشىش ئۇسۇلىنىڭ داۋاملىشىشى ئەمدى مۇمكىن ئەمەس. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ماھىيەتتە بايلىق مۇھىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاساس قىلىنغان، تەبىئىي قائىدە مىزان قىلىنغان، سىجىل تەرەققىيات نىشان قىلىنغان بايلىق تېجەيدىغان مۇھىت بىلەن دوست ئۆتۈدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  يۈننەن ئۆلكىسى شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشلىقى ۋەكىل داۋ لىنيىن مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئايلاندى، قەيەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى بولسا، شۇ يەر تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولىدۇ، ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇش نىشانىنىڭ تەلىۋىنى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇلۇش كېرەك.

  نىڭشيا جۇڭۋېي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋەكىل ما تىڭلى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، تەرەققىيات مەزمۇنىغا يېڭى ئامىل قوشۇپ، تەرەققىيات سۈپىتىگە يېڭى ئۆلچەم بېكىتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىغا يېڭى كوئوردېنات بېكىتتى.

  ۋەكىل باتۇر مۇنداق دېدى: ئىچكى موڭغۇلغا ئوخشاش بايلىق زىچ مەركەزلەشكەن رايونغا نىسبەتەن نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە-بايلىق تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ۋە باج ھەققى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بازاردىكى تەلەپ ئېھتىياج ۋە بايلىقنىڭ كەمچىللىك دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئېكولوگىيە قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بايلىقنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمى ۋە ئېكولوگىيە تولۇقلىما تۈزۈمىنى ئورنىتىش.

  ۋەكىل داۋ لىنيىڭ مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: ئېكولوگىيە تولۇقلىما مېخانىزمىنى تېزراق ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەرز شىكايەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قانۇن قورالى ئارقىلىق ئېكولوگىيە مۇھىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكېتارى ۋەكىل كۇڭ شياڭگېڭ مۇنداق دېدى: خىزمەت نەتىجىسىنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ، مەمۇرىي جەھەتتىن چەكلەپ، بازارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە بىرلەشتۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىپ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}