باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋەكىللىرى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە ھەققىدە قىزغىن مۇھاكىمە ئېلىپ باردى

2012.11.14 09:10        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى قانداق قىلىپ تىزلىتىش بۇ نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان مىللىي رايونلار ۋەكىللىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى

  سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىدە، 18- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سېكرىتارى جەي جيەنيى مۇنداق دېدى: 10 يىلدىن بۇيان، ئوبلاستىمىز ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يەرلىك ئاھالىلەر ناھايىتى كۆپ نەپكە ئېرىشتى. ئالايلۇق، ئىككى يىلدىن بۇيان يىزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئورۇندۇق قۇرۇلۇشىدا ھەر ساھە ئاممىسى يىزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايون يېزىلىرىدىكى ئاممىغا بىر مىليون 590 مىڭ ئورۇندۇق سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان يەردە ئولتۇرىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لياڭشەن ئوبلاستى بىر يۈرۈش خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى؛ داۋالاش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئومۇمىيلاشتۇردى، يىزۇ ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش، سەھىيە شارائىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

  چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، 18- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سېكرىتارى دەن كې مۇنداق دېدى: بۇ يىل 11- ئايدىن باشلاپ، يۈشۇدىكى ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلىنىش نىسبىتى %98 گە يەتتى. 39 مىڭدىن كۆپرەك شەھەر ، يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى پۈتۈپ، كۆچۈپ كىرىش شەرتىگە توشۇپ، كۆچۈپ كىرىش نىسبىتى %85 گە يەتتى. بۇ بىر قانچە كۈندە جيېگۇ بازىرىدىكى قىسمەن ئامما چېدىرلىرىنى بۇزۇپ، يېڭى ئۆيلىرىگە كۆچمەكتە. يىل ئاخىرىغىچە %98 ئاھالە يېڭى ئۆيلىرىگە كۆچسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۈشۇدىكى بارلىق مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار ئومۇميۈزلۈك قايتا سېلىنىپ بولدى. ئەسلىھەلىرى شۇ يەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى خۇاڭ سەنپىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۆزگىرىشنى تىلغا ئېلىپ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئاقسۇ چېگرا بوستانلىقى دېيىلەتتى، مېنىڭچە ھازىر تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالى گۈزەل تۈسكە كىردى.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، يۈننەن ئۆلكىسى جېنكاڭ ناھىيەسى نەنسەن بازىرى خوڭيەن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سېكرىتارى، كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بى شىخۇا مۇنداق دەپ قارىدى: چېگرا مىللىي رايونلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى چەكلەپ تۇرىۋاتقان توسالغۇنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېقىندىن كەسىپنى يېراقتىن مائارىپنى چىڭ تۇتۇش لازىم. ئۇ دۆلەتنىڭ چېگرا مىللىي رايونلارغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىش بولۇپمۇ قاتناش، داۋالاش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، مائارىپ جەھەتتە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە