باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكىلاتىدىكى «كۆپەيتىش، قىسقارتىش ئۇسۇلى» دىققەت ئېتىبارنى قوزغىدى

2012.11.14 09:15        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى 10 يىلدا ھەسسىلەپ كۆپەيتىش، دېھقانلارنىڭ يېرىنىڭ قىممىتى ئۆسۈش پايدىسىدىكى تەقسىمات نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، جەمئىيەتتىكى ئىلغار ئىختىساسلىقلارنىڭ پارتىيىلىك كادىرلار قوشۇنىغا كىرىش يوللىرىنى كېڭەيتىش؛ كىرىم تەقسىماتىدىكى پەرقنى ئازايتىش، ئاساسلىق بۇلغىمىنى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى كۆرىنەرلىك ئازايتىش، پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسى قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىكى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى دوكىلاتىدىكى بىر يۈرۈش «كۆپەيتىش، قىسقارتىش ئۇسۇلى» دىققەت ئېتىبارنى قوزغىدى. 18-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى: كۆپەيتىش، قىسقارتىش پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكىلاتىدا «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيىسىنى» يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش، تۈجۈپىلەپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە كىرگۈزۈپ ئۆزلەشتۈرۈپ قايتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش تەلەپ قىلىندى. ۋەكىللەر مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش كېيىنكى باسقۇچتا ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساپ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەڭ جىددى ئىھتىياجلىق كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.

  ئېلىمىز يەر شارى ياسىمىچىلىقىدىكى چوڭ دۆلەت، ھەمدە ياسىمىچىلىق جەھەتتە پايدا ئېلىشتىكى«كىچىك دۆلەت»، نۇرغۇن بايلىق، ئېنېرگىيە ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلغاندىن كېيىن بەزى ۋاكالەتچى سانائەت كارخانىلىرى ئومۇمىي پايدىنىڭ ئاز بىر قىسمىنىلا ئالالايدۇ. شاڭخەي ئاپتوموبىل ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ۋەكىل چېن خۇڭ مۇنداق دېدى: مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كەينىگە ئەگىشىپ يۈرسەك، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرىمىز.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكىلاتىدا ئىكىلوگىيە مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشى ئايرىم تىلغا ئېلىندى ھەمدە بىر يۈرۈش چەكلىمە خاراكتىرلىك تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەسىلەن: ئېنېرگىيە، سۇ، يەر سەرپىياتى دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمدىن پايدىلىنىشنى ئۆستۈرۈش، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش چېكى قاتارلىقلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، بۇ تەشەببۇسلار يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋەكىل جياڭ جې مۇنداق دېدى: يۇقىرى ئۈنۈمنى تەكىتلىگەندىلا، ئىكىلوگىيەگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بايلىقنى ئاز سەرپ قىلىپ كۆپ پايدىلانغىلى بولىدۇ.

  ئاساسىي قاتلام پۇقرالىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار 18-قۇرۇلتاي دوكىلاتىغا سىڭدۈرۈلدى. ئىچكى موڭغۇل يايلىقىدىن كەلگەن ۋەكىل تىڭ باتۇر مۇنداق دېدى: ئۆتكەن نەچچە يىلدا ھۆكۈمەت چارۋىچىلارنىڭ تۈرلۈك باج يۈكىنى قىسقارتقانلىقتىن، يايلاقنى تىزگىنلەش تولۇقلىمىسى كۆپەيتىلدى، چارۋىچىلارنىڭ «قوينى ئازايتىپ كالا بېقىشتەك» ئىكىلوگىيىلىك باقمچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئاكتىپچانلىقى ئېشىپ، نەتىجىدە 10 يىلدىن بۇيان چارۋا سانى 20 مىڭدىن 4800 گە ئازايدى، ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىم 2098 يۈەندىن 15 مىڭ يۈەنگە كۆپەيدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە