باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر يىلى 3- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىساد ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدۇ

2012.11.13 14:19        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى ئېلان قىلغان «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 3- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»، «مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نىزامى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 2013-يىلى 3- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. تەكشۈرۈش ئۆلچەملىك ۋاقتى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولىدۇ. تەكشۈرۈش مەزگىلىدىكى ماتېرىيال 2013-يىلدىكى ماتېرىيال بولىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دېيىلدى: ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىكى مەقسەت ئېلىمىزنىڭ 2- كەسپى ۋە 3- كەسپىنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ؛ ئېلىمىزنىڭ كەسىپ تەشكىلى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، كەسىپ تېخنىكىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە ھەر قايسى ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىگىلەش؛ مۇلازىمەت كەسپى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگە كەسىپ ۋە كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنى قاپلىغان ئاساسىي ئورۇنلارنىڭ مۇندەرىجە ئىسكىلاتى ۋە ئاساسىي ئۇچۇر سىفىر ئىسكىلاتى ۋە ئېلېكتىرونلۇق جۇغراپىيە ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاش.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە