باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

كورېيە پىرېزىدېنتى لى ميۇڭباكنىڭ «نېيگۇدوڭ شەخسىي داچا دېلوسى» بارغانسېرى چوڭلاپ كەتتى

2012.11.13 14:24        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە «خەلق گېزىتى»نىڭ 11-نويابىردىكى خەۋىرىدە، كورېيە پىرېزىدېنتى لى ميۇڭباكنىڭ «نېيگۇدوڭ شەخسىي داچا دېلوسى»غا مەسئۇل ئالاھىدە تەپتىش خادىمىلىرى گۇرۇپپىسىدىكى ئالاھىدە تەپتىش خادىمى لى گۇاڭفەن 10-چېسلا، كورىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى قوغداش باشقارمىسىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرىغا قارىتا مەجبۇرىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئالاھىدە تەپتىش گۇرۇپپىسى يېقىندا مەجبۇرىي تەكشۈرۈشتە ئېھتىياجلىق بولىدىغان قانۇنىي تەرتىپنى تاماملىغاندىن كېيىن، پىرېزىدېنت مەھكىمىسى بىلەن كونكېرت ۋاقىتنى مەسلىھەتلىشىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، كورىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئورگىنى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىشى تارىختا تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

  ئالاھىدە تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈشى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئالاھىدە تەپتىش گۇرۇپپىسى ئاللىقاچان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىگە تەكشۈرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسىنى سۇنغان ھەم پىرېزىدېنت لى ميۇڭباكنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەن. خەۋەرگە قارىغاندا، ئالاھىدە تەپتىش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشىغا قارىتا تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىكەن.ھازىر قانۇنىي يول ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان كونكېرت مەسىلە ئۈستىدە سۆھبەتلىشىۋېتىپتۇ.

  نېيگۇدوڭ كورېيە پايتەختى سېئولنىڭ جەنۇبىي شەھەر رايونىغا جايلاشقان بىر ئورۇن بولۇپ، كورېيە پىرېزىدېنتى لى ميۇڭباك بىلەن ئۇنىڭ ئايالى جىن رۈنيۈ 2011-يىلى 5-ئايدا مۇشۇ يەردە كۆلىمى 2600 كۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بىر زېمىننى سېتىۋېلىپ، مۇشۇ يەرگە داچا قۇرۇپ، پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئولتۇراقلىشىشنى پىلانلىغان. ئەمما كېيىن بۇ ئىش ئاشكارلىنىپ كېتىپ، 60 كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە تەپتىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، مەخسۇس مۇشۇ دېلونى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان ئىدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە