باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئارافاتنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈشكە مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدۇ

2012.11.13 09:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن مىللى ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس 11-نويابىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: رۇسىيە كەلگۈسىدە بىر مۇتەخەسىس ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، شىۋىتسىيە ۋە فىرانسىيە تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە پەلەستىننىڭ سابىق رەھبىرى ئارافاتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرىدۇ.

  ئابباس شۇ كۈنى ئىئوردان دەررياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەر رامئاللادا ئارافات ۋاپات بولغانلىقىنىڭ سەككىز يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىلىشىغا قاتناشقان چاغدا مۇنداق دېدى: بىزرۇسىيە مۇتەخەسىسلىرى ۋە فىرانسىيە، شىۋىتسارىيە تەكشۈرۈش خادىملىرى بىلەن ئارافاتنىڭ جەسەت ساندۇقىنى ئېچىپ جەسەتكە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئارافاتنىڭ ھەقىقى ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرىمىز.

  ئابباس مۇنداق دېدى: ئارافات سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئابباس ھۆكۈمىتى ئارافاتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقى ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكچى بولۇپ كەلدى شۇنداقلا بۇ سەزگۈر ۋەقەگە ئالاقىدار يىپ ئۇچىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ كەلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۈچلۈك تەكىتلىدى: ئۆتكەل زور بولغانلىقتىن تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقسىلا پەلەستىن خەلقى ۋە تاراتقۇلارغا ئىلان قىلىنىدۇ.

  پەلەستىننىڭ بىر ئەمەلدارى 31-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى ئاشكارلىدى: فىرانسىيە تەپتىش ئورگىنى ۋە شىۋىتسارىيە فىزىلوگىيە ئىلمىي تەتتىقات يۇرتى ئايرىم-ئايرىم بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئارافاتنىڭ قەبرىسى تۇرۇشلۇق جاي رامئاللاغا يېتىپ بارىدۇ، شۇ ئاينىڭ 27-كۈنى ئارافات تېنىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقى ئۆلۈش سەۋەبىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

  بۇ يىل 8-ئايدا، فىرانسىيە پارىژ نانتار تەپتىش مەھكىمىسى ئارافاتنىڭ يەسىرىسى سۇھا ۋە قىزى زاھىۋانىڭ نانتار يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرىزىگە ئاساسەن، ئارافاتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىگە قارىتا رەسمىي ئەدىلىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.9-ئايدا، ئارافات ھايات ۋاقتىدا ئېلىنغان يۇقىرى مىقداردىكى رادىياتسىيەلىك ماددا پولۇنىينى تەكشۈرگەن شىۋىتسارىيە تەتقىقات يۇرتىمۇ كەلگۈسىدە رامئاللاغا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ئارافاتنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  2004-يىلى 10-ئايدا، ئارافات رامئاللادىن فىرانسىيە بىرشى ھەربىي دوختۇرخانىسىغا بېرىپ داۋالانغان. شۇ يىلى 11-نويابىر، ئارافات فىرانسىيەدە ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇ يىل 7-ئايدا تاراتقۇلار ئارافاتنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى كىيمىدىن يۇقىرى مىقداردىكى رادىياتسىيەلىك ماددا پولۇنىي بايقالغانلىقىنى ئاشكارلىغان.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: پەلەستىندە ئەرافات ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 8 يىللىقى خاتىرىلەندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە