باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئەزالار ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

2012.11.12 15:51        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى دىڭ يەن مەركەزنىڭ مەھەللە داۋالىنىشى ۋە توردا داۋالاشنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىرىنچى 1-دوختۇرخانا ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دىڭ يەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ داۋالاش ئىسلاھاتى جەھەتتە ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن مەركەزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مەھەللە داۋالاش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاساسى قاتلام داۋالاش خادىملىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. تور داۋالاش سەھنىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بىرىمەن، ئالايلۇق، ئاساسى قاتلام دوختۇرخانىلىرىدا قېيىن گۇمانىي كېسەللىكلەر بولسا، چوڭ دوختۇرخانىلار تور ئارقىلىق داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، كورلا شەھەرلىك لىخۇا مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى دىلنۇر ئەزىز جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەھەللىنىڭ روھى ناھايىتى مۇھىم، بىز پارتىيە بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك. بىز ئاساسلىقى ئاھالىلەر بىلەن ئالاقىلىشىمىز، ئاساسلىق خىزمىتىمىز خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، مەن ئاممىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىمەن، بىز ئاممىنىڭ كىچىك ئىشى مەھەللىنىڭ خىزمىتىدە ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ، دەپ قارايمىز. بۇ قېتىم 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇپ بېيجىڭغا يىغىنغا قاتناشقىلى كەلدىم، مەن كورلىنىڭ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان پارتىيە ئەزاسى. ھازىر خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى، شۇڭلاشقا مەن بۇ قېتىمقى پۇرسەتتە شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىش، مەھەللىنىڭ ئۆزگىرشى، ئاممىنىڭ ساداسىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا يەتكۈزىمەن.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى مەيلى بېيجىڭغا كېلىشتىن بۇرۇن بولسۇن ياكى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن بولسۇن، 18-قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھەر مىللەت ۋەكىلىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەستايىدىل كۆرۈۋاتقانلىقىدەك مەنزىرىنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

  پارتىيە نىزامنامىسىنى كۆپ قېتىم تەتقىق قىلىپ ئوقۇغان 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى يەن فىنشىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: پارتىيە نىزامنامىسى پارتىيە، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى باشقۇرۇشتىكى ئومۇمىي نىزامنامە بولۇپ، پارتىيە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈپ قائىدە ۋە يىتەكچىلىك رولغا ئىگە، بىز ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تونۇشىمىز ۋە ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چيۇ شۇخۇا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش-بىزنىڭ غايە ئېتىقادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىدۇ، قەتئىي غايە ئېتىقادىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىل ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە