باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېھقان ئىشلەمچىلەرنى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشتۇرۇش پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى

2012.11.13 14:00        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 12-كۈنى 18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ جىمىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  ياڭ جىمىڭ مۇنداق دېدى، جۇڭگودا نۆۋەتتە 250 مىليون دېھقان ئىشلەمچى بار، بۇنىڭ ئىچىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەر 150 مىليون، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەسىلىسى نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاساسلىقى 80-يىللاردىن ۋە 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشقا بولغان يېڭى ئەرز-تەلەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  ياڭ جىمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش نەتىجىسىدە، كۆپ قىسىم دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئادەتتىكى ئىشلەمچىدىن تېخنىك ئىشچىلىققا ئۆزگەرتىش ئىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەر شەھەرلەردە ماكانلىشىپ، بىر قىسىملىرى يېڭى شەھەر ئاھالىسىغا ئايلاندى، گوۋۇيۈەن بۇ جەھەتتە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەرلەرگە كىرىپ ئولتۇراقلىشىشىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈردى، مەسىلەن، دېھقان ئىشلەمچىلەردىن ناھىيە بازىرىدىكى تۇرۇشلۇق جايدا يىرىم يىلدىن ئارتۇق مۇقىم تۇرۇپ ئىشلىگەنلەر شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشقا ئىلتىماس قىلسا؛ ئوتتۇرا-كىچىك شەھەرلەردە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق مۇقىم ئىشلىگەنلەر ھەمدە باشقا شەرتلەرگە ئويغۇن كېلىدىغانلار، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، چوڭ شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن ئالاھىدە شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە