باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ھەر قايسى تاراتقۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلدى(1)

2012.11.12 15:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش سېكرېتار خۇجىنتاۋنىڭ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن 18-قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى. ۋەكىللەر ھەر قايسى تاراتقۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتىنى بەس-بەستە بايان قىلىشتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇدىر باھارگۈل ناھايىتى ھاياجانلانغان تەڭرى تورى مۇخبىرغا: باش سېكرېتارنىڭ دوكلاتى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، دوكلاتتا ئىسلاھات ئىچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى تارىخى تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتنىڭ نىشانى ناھايىتى ياخشى تۈزۈلۈپتۇ، دېدى.

  ۋەكىل باھارگۈل: مەن بىر ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىنىڭ ناھايىتى زورلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن بىر پىلانلىق تۇغۇت كادىرى، مەن 18-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىدا ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىل ئەمىنلىكى ۋە ھالقىما تەرەققىياتىغا ئۆزۈمنىڭ تىگىشلىك تۆھپەمنى قوشىمەن،دېدى.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى گۈلشات ئابدۇقادىر ئىستانسىمىز مۇخبىرغا: دوكلاتنىڭ ھەممە يىرىدە خەلق تۇرمۇشىغا، خەلق ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ، بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، چەكسىز ئىپتىخارلاندىم، دوكلاتتا ئېلىمىزنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى نەتىجىلىرى جۈملىدىن 10يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ئوبيېكتىپ كۆرسىتىلىپ، كەلگۈسى ئۇلۇغۋار پىلان ياخشى تۈزۈلۈپتۇ، بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، شۇنداقلا زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ناھايىتى زورلىقىنى ھېس قىلدىم، دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە