باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي قېلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم

2012.11.13 09:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىنى قاراپ چىققاندا مۇنداق دەپ قارىدى: ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قېلىپىنىڭ بېكىتىلىشى ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى چەك چېگراسىنى ئېچىپ بەردى.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، جۇڭگو مەبلەغ سېلىش چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى قوشۇمچە مەركەز پېرېۋوت پۇل مۇئامىلە شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لو جىۋېي مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى ئومۇمىي قېلىپىغا كىرگۈزۈش تارىخىي مۇقەررەرلىك، رىيال تاللاش، نوقۇل ھالدا ئېشىش سۈرئىتىنىلا قوغلاشقاندا مۇھىت ناچارلىشىدۇ، تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۈيياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى لى جۈن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز ئۆز تەرەققىياتىمىزنىڭ تەلىپى بولۇپلا قالماي يەنە بۇ يەر شارى ئېكولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا قوشۇلغان تۆھپە.

  جۇڭخۇا سۇ مۇنارى ۋە كىلىمات تەڭشىگۈچ دېگەن نامى بار چىڭخەي ئۆلكىسى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدە ئىلغار رايون قۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شىنىڭ شەھىرى چېڭجۇڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى سۇ لېيخوڭ مۇنداق دېدى: چىڭخەي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى جىددىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ساپ، يېشىل تۇپراقنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتى، دوكلاتتا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئومۇمىي قېلىپى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلۈپتۇ، بۇ مەركەزنىڭ ۋەزىيەت ھەققىدە توغرا ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ رىيال قاراتمىلىققا ئىگە.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى جيا مۇنداق دېدى: ئومۇمىي قېلىپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزگە نىشان كۆرسىتىپ بەردى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى جۇ شېڭشيەن مۇنداق دېدى: خەلق ئاممىسىنىڭ پاكىز سۇ، ساپ ھاۋا، پاكىز يېمەكلىك، گۈزەل، تۇرۇشقا باب كېلىدىغان مۇھىتقا بولغان تەلىپى بارغانسېرى ئاشتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ياخشى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ، خەلق تۇرمۇشى تەلىپىگە ماس كېلىدۇ.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى فاڭ ۋېيفېڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت بىزگە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، تىرىشىپ ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىشنىڭ بىزنىڭ پارتىيەنى ئاۋام ئۈچۈن قۇرۇش، ھاكىمىيەتنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتىكى ماھىيەتلىك تەلىپىمىز ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، جۇڭگو ياشلار گېزىتى ئالاھىدە خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ ۋەنيوڭ كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك يېقىنقى بىرقانچە يىلدا نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ، بۇ جايلاردا مۇھىتنىڭ ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى ئېكولوگىيە قارىشى تۇرغۇزۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇش ئۇ كۆچەت تىكىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، تېخىمۇ ئاچقۇچلۇقى ئەنئەنىۋىي يىرىك تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل ئىستېمال، يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}