باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ ساداسى(1)

2012.11.13 09:43        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كورلا شەھىرى لىخۇا مەھەللىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل دىلنۇر ئەزىز مۇنداق دېدى: 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى، شەھەر-يېزىلاردىكى مەھەللىلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرى شەھەرلەرنىڭ ھۈجەيرىسى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئۇللۇق رول ئوينايدۇ. ئاممىنىڭ كۈلكىسى مەڭگۈ بىزنىڭ خىزمىتىمىزدىكى نۇرلۇق چىراغ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەھەللىلەرنىڭ قاتتىق دېتال مۇھىتى ۋە يۇمشاق دېتال مۇھىتىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، كېيىنكى قەدەمدە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىسىنى مەھەللىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ۋە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتۇرۇش كېرەك.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى خۇلىمبىر شەھىرى ئېۋېنكى ئاپتونوم خوشۇنى يىمىڭ كەنتى مەركىزى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل مېي خۇا مۇنداق دېدى: 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بولۇپمۇ بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتىنى كۆپەيتىپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى ئارىسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ كۆپەيتىش ۋە ئازايتىش يارقىن نۇقتا، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تېخىمۇ كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە قىلىدۇ، ئاساسىي قاتلامدىكىلەرنىڭ ساداسى تېخىمۇ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، بۇ ئىلمىي ھەل قىلغۇچ تەدبىر چىقىرىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ خىل ئۆزگىرىش ئېلىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەڭشىلىۋاتقانلىقى، مۇكەممەللىشىۋاتقانلىقى، ئىلگىرى سۈرىلىۋاتقانلىقى، تېخىمۇ ئىلمىي ۋە دېموكراتىك بولىۋاتقانلىقىنىڭ شاھىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە