باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلدى

–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى تىرىشىپ ئورۇندايمىز

2012.11.12 14:56        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېڭ لىشىن، فېڭ جىن خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 10– نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزۈتىلمىسىنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى.

  چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، يولداش ۋاڭ لېچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايغا كېلىپ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەرنى يوقلىدى.

  ئىسمائىل تىلىۋالدى، جاڭ چۈنشيەن، نۇر بەكرى، چې جۈن قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى. ئەركىن ئىمىرباقى چۈشتىن كېيىنكى ئومۇمىي يىغىنغا، خەن يۇڭ چۈشتىن بۇرۇنقى ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ليۇ شىنچى، شۈ جىشىن، چيۇ شۇخۇا، ئىلھام ئوسمان، جاڭ بو، خۇاڭ سەنپىڭ، مەنىل زەينىل، يەن فېنشىن، باھارگۈل سەمەت، پېڭ جيارۈي، پەرھات تۇردى، ئوچۇر، ما شيۇڭچېڭ، مېي ليەن، ليۇ جۈنمېي قاتارلىق ۋەكىللەر پىكىر بايان قىلدى.

  ۋەكىللەر: يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ ج ك پ 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتى كىشىنى روھنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، دوكلات دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، دەپ قارىدى.

  ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: يولداش خۇ جىنتاۋ 18–قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت ‹‹تۆتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش››تىن ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش››كە كېڭەيدى، بۇنىڭدا دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى ئومۇمىيەت تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان، مەركەزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلىگەنلىكى نامايان قىلىنغان، مەركىزىي كومىتېتنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلىگەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئەمەل قىلىدىغان مۇھىم قائىدە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاكتىپلىقى ۋە قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغايدۇ.

  ۋەكىللەر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلغاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە تەجرىبىلىرى ئەستايىدىل خۇلاسىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ. دوكلات ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، شەرھىيسى چوڭقۇر، ياخشى دوكلات بولۇپتۇ.

  ۋەكىللەر پارتىيە نىزامنامىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا مۇنداق دېدى: پارتىيە نىزامنامسىنىڭ تۈزىتىلمىسىدە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەر، پارتىيە خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى تەجرىبىلىرى تولۇق نامايان قىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى دەۋرنىڭ پارتىيە خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا قويغان يېڭى تەلىپىگە ماسلاشقان. بىز بۇنى ناھايىتى ياقلايمىز.

  ۋەكىللەر بىردەك: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، پۇختا، بېرىلىپ ئىشلەش روھىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭچە روھنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭچە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز، دېدى.

  مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}