- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنى يەنە توپقا تۇتتى
2012.11.13 14:20
سۈرىيەدىن كەلگەن بىر پاي راكىتامىيوت گولان ئېگىزلىكىدىكى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ قاراۋۇلخانىسىغا چۈشكەندىن كىيىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 12-نويابىر چۈشتىن كېيىن سۈرىيەنىڭ توپچىلار بازىسىنى توپقا تۇتتى.
بۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى كۈن ئىچىدە سۈرىيەنى ئىككىنچى قېتىم توپقا تۇتۇشى. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېيتانىياخۇ 12-نويابىر مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە- ئىسرائىلىيە چېگراسىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان ياكى ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى ئوققا تۇتىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتلەرگە يول قويمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە- ئىسرائىلىيە سۈرىيە چېگرا ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە، ھەرقانداق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قايتۇرما زەربە بېرىدۇ.
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە