- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پارىس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى تەشكىلاتى: ئۆكتىچىلەر سۈرىيەنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى
2012.11.13 14:25
باش ئورگىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىياددا تەسىس قىلىنغان پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھەمكارلىق كومىتېتى 12-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا قۇرۇلغان سۈرىيە ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
پارىس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى زائىنى باياناتىدا مۇنداق دېدى: پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلابى كۈچ مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىغا زۆرۈر بولغان ياردەم بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ، ھەمدە ئەرەب ئەللىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيە تەۋەسىدىكى ۋە چېگرا سىرتىدىكى ھەر قايسى ئۆكتىچى كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەملىكەتلىك ئورگىنىنى ئىتراپ قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە