باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كىرىم تەقسىماتى قۇرۇلمىسى تەرەققىيات جەريانىدا تەڭشىلىدۇ

2012.11.13 13:56   مەنبە: خەلق تورى

كىرىم تەقسىماتى قۇرۇلمىسى تەرەققىيات جەريانىدا تەڭشىلىدۇ

  11-ئاينىڭ 12-كۈنى 18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ جىشىن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  جۇ جىشىن كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى، 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا «ئىككىنى ھەسسىلەش»، «ئىككىنى ماس قەدەملەشتۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «ئىككىنى ھەسسىلەش» ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ھەسسىلەش ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ھەسسىلەشنى كۆرسىتىدۇ، «ئىككىنى ماس قەدەملەشتۈرۈش» شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ماس قەدەملەشتۈرۈش، ئەمگەك ھەققىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ماس قەدەملەشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا، نۆۋەتتە كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، بۇنىڭدا ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات باسقۇچى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، تەرەققىيات جەريانىدا كىرىم تەقسىماتى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، تەڭشەش جەريانىدا ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي پىكىر يولى بولدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز