باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئىككى ئاپتوموبېل ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ 10 ئادەم قازا قىلىپ، كۆپ ئادەم يارىلانغان

قازا قىلغانلاردىن توققۇزى پاختا تەرگىلى كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئىكەن

2012.11.12 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-نويابىر سائەت 8:30دا، شىنجاڭدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ 10 ئادەم قازا قىلغان، قازا قىلغانلار ئىچىدىكى 9 كىشى پاختا تەرگىلى كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئىكەن.

  شىنجاڭ قاراماي شەھىرى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، سائەت 8:40 مىنۇتلار ئۆتكەندە قارامايغا 73 كىلومېتىر كېلىدىغان 128-تۈەن مەيدانىنىڭ يول ئېغىزىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان، قاراماي، كۇيتۇندىن يولغا چىققان ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش خادىملىرى تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان. نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ۋەقەگە ئۇچرىغان 47 يولۇچى ئولتۇرغان جىنلوڭ ماركىلىق چوڭ ئاپتوبۇس بىلەن 14 نەپەر پاختا تەرگۈچى ئولتۇرغان مىنبوس تورمۇزلاش ۋاقتىدا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆز ئارا سوقۇلۇپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن، مىنىبوسنىڭ شەكلى ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن، مىنبوستىكى توققۇز ئادەم قازا قىلغان، ئاپتوبۇس شوپۇرى قازا قىلغان. ئىككىلا ئاپتوموبېل نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر پاختا تېرىشنىڭ ئاخىرقى پەسلى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە ئون مىڭلىغان پاختا تەرگۈچى ئىشلەمچىلەر شىنجاڭدىن ئايرىلىپ يۇرتلىرىغا قايتىدىكەن، شىنجاڭدىكى يەرلىك ۋە بىڭتۇەن ئورۇنلىرى كۆپلەپ قاتناش ۋاستىلىرى ئاجرىتىپ پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ يۇرتلىرىغا ئامان –ئېسەن قايتىشىغا ياردەملىشىدۇ، شۇڭا، بۇ مەزگىلدە قاتناش بىخەتەرلىك بېسىمى نىسبەتەن جىددىي بولىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە