باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى جۇڭگونىڭ بانكا ئىسلاھاتى ۋە ئىلمىي تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى

2012.11.13 14:18        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى 11-نويابىر كوللېكتىپ زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋچۈەن، جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى شاڭ فۇلىن، جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى جياڭ جيەنچىڭ، يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى جياڭ چاۋلياڭ، جۇڭگو بانكىسىنىڭ مۇدىرى شياۋ گاڭ، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ خوڭجياڭلار جۇڭگولۇق چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. جۇ شياۋچۈەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىغا بىر جەريان كېرەك، دېدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بانكا كەسپىدىكى ناچار قەرز قالدۇقىنىڭ بىر ئاز كۆپىيىش ھادىسىگە قارىتا بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى شاڭ فۇلىن، ئومۇمىي خېيىم خەتەرنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، دېدى.

  جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىق تۆت چوڭ بانكىنىڭ باش مۇدىرلىرى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بانكا ساھەسى ئۆزىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى تىزلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلارنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ؛ كۆپلىگەن بانكىلار يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار ئىشلىرىغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى تىزلەتمەكتە. بانكا كەسپىدىكى ئۆي مۈلۈك قەرز پۇلى خېيىم خەتىرى ئەزەلدىن بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇپ كەلمەكتە.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}