باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشىكنى سېرىتقا ئېچىۋېتىش يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى

2012.11.14 09:08        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەلگۈسىدە جۇڭگو ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ. كۆپلىگەن چېگرا ئېغىزى ئۈستۈنلىكىگە ئىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى پەللىسىنى قانداق قىلىپ بەرپا قىلالايدۇ؟ بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئويلىشىۋاتقان مۇھىم تېمىغا ئايلاندى.

  18- قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېڭ جېنشەن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى قەشقەر ئايرودۇرۇمىغا كىرگەن ياكى چىققان يولۇچىلارنىڭ سانى 920 مىڭغا يەتتى. بۇ يىل كىرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 940 مىڭدىن ئاشتى، بۇ يىل بىر مىليوندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار. بۇ دۆلەت بېكىتكەن قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت رايون ئۈستۈنلىكىدە مۇھىم رېئال ئاساس بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئوخشاشلا دۆلەت دەرىجىلىك ئالاھىدە ئىقتىساد رايونى بولۇپ تەسىس قىلىنغان قورغاسنىڭ تاشقى سودىسىمۇ كۈچەيدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مەنىن زەينىل مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن 10 مىليون 500 مىڭ توننا مال ئۆتتى؛ ئىمپورت، ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى يەتتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. بۇ يىل بىز چېگرىدىن ئۆتىدىغان مالنى 13 مىليون توننىغا؛ ئىمپورت، ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى سەككىز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزمەكچى.

  بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئىچكى قۇرۇقلۇق چوڭ بازىرى، ئوخشاشلا بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئوتتۇرا، غەربى، جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ بازىرىغا دۇچ كېلىدۇ. ۋەكىل جاڭ بو مۇنداق دەپ قارىدى: تارباغاتاي غەربكە چىقىرىشتىكى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشى لازىم. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆز ئارا ئالاقىلىشىشنى قانداق ئاشۇرىمىز. بۇنىڭدا ئاز دېگەندە ئىككىنى تۇتاشتۇرۇش، بىرنى باغلاشقا بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ بىرىنچى تۇتاشتۇرۇش تۆمۈريولنى تۇتاشتۇرۇش، ئىككىنچى تۇتاشتۇرۇش خادىملارنى تۇتاشتۇرۇش، يەنە بىرسى بازارلارنى باغلاش لازىم.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}