باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پۈتۈن مەملىكەتتىكى كادىرلار ۋە ئامما پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2012.11.16 14:32        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن 14-نويابىر بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى، جايلاردىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما بۇ كاتتا يىغىننىڭ خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى، كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ھالقىلىق باسقۇچقا ئېچىلغان بۇ يىغىندا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلدى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيە چوقۇم ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك يېتەكچى ئىدىيە قىلىندى، جەمئىيەت ۋە خەلق تۇرمۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار خەرىتىسى سىزىپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ،كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىدىن ئىبارەت يېڭى سەھىپىنى يېزىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتى ماركسىزمنى جۇڭگوچەلاشتۇرۇش كافېدراسىنىڭ پىروفېسسورى تۇن شۇچۈن مۇنداق دېدى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى پارتىيە چوقۇم ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك يېتەكچى ئىدىيە قىلىش بۇ قېتىمقى يىغىندىكى مۇھىم نەزەرىيەۋى تۆھپە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇش ھەم ئۆتكەن ئون يىلدا قولغا كەلگەن شانلىق نەتىجىلەرنىڭ نېگىزى ھەم كەلگۈسى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى.

  خېنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شىڭ شىجۈن مۇنداق دېدى: 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى بايانلار ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، گۈزەل جۇڭگو بىر ئىللىق سىگنال تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە تارىخى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى بۇ چىڭخۇ مۇنداق دەپ قارىدى: 18-قۇرۇلتايدا سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى ۋە تۈزۈم ئىشەنچى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ دەۋر تېمىسى بولۇپ ئىنتايىن كۈچلۈك قاراتمىلىق ۋە زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشەنچىسىنى چىڭىتىشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  چىڭخەي ئۆلكىسى گولو زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدىكى ياش ئوقۇتقۇچى يۈەندەنجياسو مۇنداق دېدى: 18-قۇرۇلتاي غەلبىلىك يېپىلدى، بۇ كاتتا مەرىكىدىن كەلگەن خەۋەرلەر بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى، كەلگۈسى ئون يىل بىزنىڭ گولو، چىڭخەي، ۋە بارلىق غەربىي رايونىمىز تېز تەرەققىي قىلغان، تېز ئىلگىرلىگەن ئون يىل بولىدۇ.

  شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسى كۆكتون كەنتىدىكى 61 ياشلىق پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى ليۇ گوجۇڭ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ ئىرادىسى بولسىلا، پۇقرالار ئۈمىدنى كۆرەلەيدۇ، بىزنىڭ يېمەك ئىچمەك كىيىم كېچىگىمىز ھازىر شەھەرلىكلەردىن پەرقلەنمەيدۇ، كېلەر يىلى كەنت يولىنى ئاسفالىتلاشتۇرۇشنى، كۆپچىلىكنى بىخەتەر بىنالارغا كۆچۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە