باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەربىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا «بالقانلىشىش» خاھىشى كۆرۈلۈشى مۇمكىن(1)

2012.11.16 13:35        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىياغا قايتىپ كېلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇردى. ئامېرىكا يەنىلا رايونغا خوجا بولۇش شۇنداقلا كۈچلۈك دېڭىز ئوكيان دۆلىتى بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان جۇڭگونى چەكلەش زۆرۈر دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئوبامانىڭ ئىككىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى، مىسىرنىڭ قالايمىقانچىلىقى، لىۋىيەدىكى بازا تەشكىلاتى تۈسىنى ئالغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يەنىلا داۋاملىشىدۇ، بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافغانىستان ئىشلىرىدىن قول چىقىرىپ ئاسىياغا قايتىپ كېلىشىنىڭ ئاقىلانە ئىستراتېگىيە بولۇشى تېخى ئېنىق ئەمەس.

  ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەر بىلەن كارى بولماي قالمايدۇ. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بولۇپ قالدى. ئوباما ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، شۇڭا ئۇ سايلامدا دېموكراتلار پارتىيەسى لاگىرىدىكىلەرنىڭ «ئاجىز» دەپ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىككىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە، ئوباما ھاكىمىيىتى ئىرانغا تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت قوللانمىسا بولمايدۇ.

  «ئەرەب باھارى» تۇنىس، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. لېكىن سۈرىيەدىكى «ئەرەب باھارىغا» 2011-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئىككى يىل بولدى، باشار ھاكىمىيىتى تۈزۈلمىگە قارشى تۇرغۇچىلارنى داۋاملىق باستۇرىۋاتىدۇ، ئىچكى قالايمىقانچىلىق ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سۈرىيەنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان قارشىلىشىش كەيپىياتىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ.

  سۈرىيەنىڭ قوشنىسى لىۋان باشار ھاكىمىيىتى بىلەن تۈزۈلمىگە قارشى تۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي ئىختىلاپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. باشار ئەسەت تەۋە بولغان ئاللاۋى مەزھىپى ئىسلام دىنى شىئە مەزھىپىنىڭ بىر تارمىقى، تۈزۈلمىگە قارشى تۇرغۇچىلار بولسا ئىسلام دىنىنىڭ سۈنى مەزھىپىگە تەۋە. ئ

  ىسلام دۇنياسىدىكى سۈنى مەزھىپىدىكىلەرنىڭ داھىيسى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان سۈرىيەدىكى تۈزۈلمىگە قارشى تۇرغۇچىلارنى قوللىدى، شىئە مەزھىپىنىڭ رەھبىرى بولغان ئىران بولسا باشار ھاكىمىيىتىنى ئەسكەر كۈچى ۋە قورال-ياراق بىلەن تەمىنلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە