باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بەزى دۆلەتلەر ۋە رەھبەرلەر ھەمدە دوستلۇق تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنى تەبرىكلىدى

2012.11.19 16:55        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە دوست تەشكىلاتلار يېقىندا بەس-بەستە تېلېگرامما يوللاپ ۋە خەت ئەۋەتىپ، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندىنىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: مەن سىزنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتار بولغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا ئىشەنگەن، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش روھى بويىچە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى رامكىسى ئاستىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈتمەكتىمەن. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتى يېتەكلەش رولىغا ئىگە. بىز 2014-يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز. بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى زور ئىش بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. شەخسەن مەنمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتى مۇقىم، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزگەن ئاساسقا ئورنىتىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن. سىزنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن بوشاشماي تېرىشىدىغىنىمغا ئىشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. سىزنىڭ يېڭى خىزمەت ئورنىڭىزدا ئۇتۇق قازىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

  تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردى مۇھەممىدوفنىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: سىزنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغانلىقىڭىزنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن. تۈركمەنىستان باراۋەر، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدىكى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا چۈشىنىش يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى، بۇنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  تېلېگرامما يوللىغانلاردىن يەنە، جىبۇتى، ئۇكرائىنا، دومېنىكا، بېلگىيە، مونتېنېگر جۇمھۇرىيىتى، بولىۋىيە، نېپال، گرېتسىيە، پاكىستان، پورتۇگالىيە، زىمبابۇۋى، جەنۇبىي ئافرىقا، برازىلىيە، پېرۇ، باربادوس، ياپونىيە، قازاقىستان، بېرما، موڭغۇلىيە، نېگىر، يامايكا، مېكسىكا، سىرىلانكا، ئامېرىكا، رومىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە پارتىيە رەھبەرلىرى ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقا تىنچلىق تەشەببۇسى تەشكىلاتى، ئاسىيا-ئافرىقا خەلق ئىتتىپاقى تەشكىلاتى، خەلقئارا دوختۇرلارنىڭ يادرو ئورۇشىدىن ساقلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش تەشكىلاتى قاتارلىق دوستانە تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ بار.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە