باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇرۇلتايدىكى ئاۋام پارىڭى ۋە ئاۋام پارىڭىدىكى قۇرۇلتاي

2012.11.15 14:27        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىمىنجان داۋۇت

  مەن پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە بورتالا ئوبلاستىدا مۇخبىرلىق قىلىۋېتىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ھەققىدىكى تۈرلۈك پاراڭلارنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ پارىڭىدا قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك پايدىلىق سىياسەت، تەدبىرلەرگە بولغان مەمنۇنلۇقمۇ ۋە مۇشۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش، ئىلگىرىلەشنى بارلىققا كەلتۈرۈشىگە بولغان كۈچلۈك ئارزۇ – ئۈمىدمۇ بار ئىدى. بولۇپمۇ، ئۇلار باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىكى خەلق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا دائىر سۆزلەرنى سۆيۈنۈش ئىچىدە تىلغا ئالدى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ‹‹خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، بۇ جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك››، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇنداقتا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىكى ئاۋام پارىڭى ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياقتىمۇ؟ يەنە ئاۋام ئارىسىدا بۇ قۇرۇلتاي ھەققىدە قانداق پاراڭلار بولۇۋاتىدۇ؟

  بورتالا شەھىرىنىڭ چىندىل يېزىسى نارىنبۇلاق، تاۋىنبۇلاق كەنت بىرلەشمە پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇن باھاۋۇدۇننىڭ بۇ ئىككى كەنتكە ‹‹باش›› بولغىنىغا بەش يىلدىن ئاشقانىكەن. ئۇ 9 – نويابىر ماڭا بۇ ئىككى كەنتنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندا، سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا ‹‹بۇ يەردىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنىلا تۆۋەن››، دېدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىككى كەنتتە 235 ئائىلە بار بولۇپ، تېرىلغۇ يەر ئاز ھەم شورلۇق ئىكەن. شۇڭا، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەنبە بولۇپ قاپتۇ. لېكىن بۇ يەردىكىلەرنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپى ئاساسى ئاجىز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش، يېڭىلىق يەنىلا بىر قەدەر ئاستا بولۇۋېتىپتۇ. كىرىمنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشىغا خېلى چوڭ تەسىر كۆرسىتىپتۇ، ئىككى كەنتتە %90 دېھقان تېخىچە كونا ئۆيلەردىن قۇتۇلالماپتۇ، ھازىرغىچە دېھقان – چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىدىن بىرمۇ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى چىقماپتۇ.

  تۇرسۇن باھاۋۇدۇن مۇنداق دېدى: چىندىل يېزىسىنىڭ بۇلتۇرقى كىشى بېشى كىرىمى 6800 يۈەندىن ئاشقان بولسىمۇ، بۇ ئىككى كەنتنىڭ 3000 يۈەندىن ئاشمىدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ يولغا قويۇش ۋە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچلىقى بارلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق خەلققە پايدىلىق مەزمۇنلار كۆپ تىلغا ئېلىندى. بۇنىڭ ئۆزى بىزگە ناھايىتى زور ئىلھام ۋە مەدەت. بۇ سىياسەتلەر ئەمەلىيلەشسە، ئاۋامنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا، خەلقنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. ئەلۋەتتە، خەلقنى بېيىش يولىغا يېتەكلەش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە بىزنىڭ رولىمىز ناھايىتى چوڭ. شۇڭا، 18 – قۇرۇلتاينىڭ روھىغا ئاساسەن سىياسەت – تەدبىرلەرنى تۈزگەندە، ئاساسىي قاتلامغا، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز، تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەن جايلارغا ئېتىبار بېرىلسە ۋە بۇ تەدبىرلەرنىڭ ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئاساسى قاتلامدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە دېھقان – چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىلسە، دەپ ئويلايمەن.

  چىندىل يېزىسىنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەنتىدىكى ھەسەنبەگ روزى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن 80 – يىللىرىغىچە چىندىل يېزىسىدا كەنت باشلىقى، سۇ كادىرى ۋە مۇئاۋىن يېزا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەنىكەن. بارلىقىنى پارتىيە ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بۇ پېشقەدەم كادىر ھازىر 100 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، سالامەتلىكى خېلىلا ياخشى ئىكەن. شۇڭا، بۇ قېتىممۇ ئۇ تېلېۋىزوردىن پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى تولۇق كۆرۈپتۇ.

  باش شۇجى خۇ جىنتاۋ قۇرۇلتايدا‹‹ھەممىدە خەلقنى كۆزدە تۇتۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش›› دېگەن گەپنى كۆپ تىلغا ئالدى، – دېدى ئۇ ماڭا قىسقىلا قىلىپ، – مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ گەپلەر ئىلگىرىمۇ دېيىلگەن، ئەمما بۇ قېتىمقىدەك تەپسىلىي، ئەتراپلىق، ئېنىق شەرھلەنمىگەن.

  ئۇ يەنە ماڭا ئۆزىنىڭ ئەينى يىللاردا ئىلغار يېزا كادىرلىرىنىڭ قاتارىدا پايتەختكە بېرىپ تەقدىرلەنگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلىگەن بىر قانچە قارار رەھبەرنىڭ ئىسمىنى بىر – بىرلەپ ساناپ بېرىپ، مۇنداق دېدى: نەچچە ئون يىل بۇرۇن پارتىيە، خەلق ئۈچۈن ئازراق ئىشلەپ قويۇپتىكەنمەن، مانا ھازىر پارتىيە مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ، بۇمۇ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكنىڭ بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، جەمئىيەتتە يەنە نۇرغۇن قارىغۇچىسى يوق، ياشانغان، ئاجىز كىشىلەر ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم، مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىدىن غەم قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تۆھپىسى تېخىمۇ قەدىرلەنسە، كۈتۈنۈش، داۋالىنىشىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈنسىكەن، دەپ ئويلايمەن.

  قۇرۇلتايدا يەنە: خەلق تۇرمۇشىغا پايدا يەتكۈزۈدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۆپرەك باش قاتۇرۇپ، خەلقنى تۇرمۇش غېمىدىن كۆپرەك خالاس قىلىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش، ئوقۇيدىغانلارنى ئوقۇيالايدىغان، ئىشلىگەنلەرنى ۋاقتىدا ھەققىنى ئالالايدىغان، كېسەل بولغانلارنى داۋالىنالايدىغان، ياشانغانلارنى كۈتۈنەلەيدىغان ھالەتكە يەتكۈزۈپ، خەلقنى تېخىمۇ ئوبدان تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قۇرۇلتايدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاراڭلار ئاممىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد – ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. ھەر مىللەت كادىر، ئاممىمۇ ئۆز پاراڭلىرىدا بۇ قۇرۇلتايغا بولغان ئۈمىد – ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىدى. بۇ پاراڭلار ئاخىرىدا ئورتاق ھالدا خەلق تۇرمۇشىغا، ئاۋامنىڭ كۆڭلىدىكى تىلەكلەرگە مەركەزلەشتى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}