باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چۇڭچىڭدىكى 10 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇغۇچى تەۋسىيە قىلدى

2012.11.16 15:48   مەنبە: خەلق تورى

چۇڭچىڭدىكى 10 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇغۇچى تەۋسىيە قىلدى

  مەكتەپ مۇدىرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئوقۇغۇچى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نەتىجىسى بىرىنچى قارارنىڭ نومۇر سىزىقىغا يەتسىلا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ ھەپتە چۇڭچىڭ شەھرىدە مەكتەپ مۇدىرى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئوقۇغۇچى تەۋسىيە قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن 10 ئوتتۇرا مەكتەپ تەۋسىيە قىلىش ئىشىنى جىددىي تۇتۇپ ئىشلىدى.

  چۇڭچىڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرىنىڭ بايقىشىچە، بۇ يىل بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئوقۇغۇچى تەۋسىيە قىلىشتا، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئۆلچىمىدە بەزى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولغان. بىرى، ساپا مائارىپى جەھەتتىن تەكشۈرۈش كۈچەيتىلگەن؛ يەنە بىرى، بەزى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ بىلەت تاشلاشقا قاتناشتۇرغان، تېخى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلەيدىغان سالمىقىمۇ تۆۋەن ئەمەسكەن؛ يەنە بەزى مەكتەپلەر مەخسۇس تەۋسىيە كومىتېتى قۇرغان، مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بېلەت تاشلىغان.

  نۆۋەتتە، چۇڭچىڭ 8-ئوتتۇرا مەكتەپ، باشۇ ئوتتۇرا مەكتەپ، چۇڭچىڭ 18-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە چۇڭچىڭ 2-چەت ئەل تىلى مەكتىپى تەۋسىيە نامزاتىنى بېكىتىپ بولغان. چۇڭچىڭ 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، مېڭشۈي يۇقىرى دەرىجىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ نامزاتلىرىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە ئايدىڭلاشقان. نەنكەي ئوتتۇرا مەكتىپى، يۈسەي ئوتتۇرا مەكتىپى، چۇڭچىڭ 11-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلار تەۋسىيە خىزمىتىنى جىددىي ئىشلەۋېتىپتۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز