باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېھقانلارنىڭ 20 خىل چوڭ كېسەللىكلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ

چوڭ كېسەللىكلەرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى %70 ئاتچوت قىلىنىدۇ

2012.11.19 16:30        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نۇيابىر گەنجۇۋدىن بەرگەن خەۋىرى، نۆۋەتتە، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گەنجۇۋ شەھىرىدە ئېچىلغان مەملىكەتلىك يېزا ئاھالىسىنىڭ چوڭ كېسەللىكلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كاپالىتى خىزمىتىنى نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن جۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلى، ئاخىرى باسقۇچلىق بۆرەك كېسىلى، ئۆپكە راكى قاتارلىق 20 خىل چوڭ كېسەللىكنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كاپالىتى سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. 2013-يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىدا پىرىنسىپ جەھەتتىن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرگە ئەمەلىي تولۇقلىما بېرىش نىسبىتى شۇ ئۆلكە بەلگىلىگەن خىراجەت چەكلىمىسىنىڭ %70 ئەتراپىغا يەتكۈزۈلىدۇ.(لى شياۋخۇڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە