باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ۋەكىللەر كۆتۈرەڭگۈ روھى بىلەن خەلق سارىيىدىن چىقىپ كەلدى

2012.11.14 15:44   مەنبە: خەلق تورى

ۋەكىللەر كۆتۈرەڭگۈ روھى بىلەن خەلق سارىيىدىن چىقىپ كەلدى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق ئورۇنداپ، 14-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا غەلبىلىك يېپىلدى.

  2020-يىلىغا بارغاندا چوقۇم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010-يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش...قاتارلىق ئۇلۇغۋار نىشانلار ۋەكىللەردىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالارغىچە ھەممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. پۈتۈن جۇڭگودىكى 82 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا قاتناشقان ھەر مىللەت ۋەكىللىرى گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد، ئىشەنچىسى ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھى بىلەن خەلق سارىيىدىن چىقىپ كەلدى.

  شۇنداق، زامانىۋى ۋە گۈزەل جۇڭگو ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى قول تۇتۇشۇپ، گۈزەل ئەتىگە باقماقتا. ھەممىمىز بىرلىكتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش يولىدا كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزمنىڭ يېڭى غەلبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز