باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىككى ياشلىق قىزچاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى 152 بولۇپ، تالانت جەھەتتە ئېينىشتىيىنغا يېتىدىكەن(1)

2012.11.12 15:56        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مېنساخ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدار كۇلۇبىنىڭ ئەڭ كىچىك قىز ئەزاسى

  ئەنگىلىيىلىك ئەر-ئايال مادىن بىلەن لۇسىنىڭ قىزى جوجىيا ئىككى ياشتىلا ساناق ساناشنى، رەڭلەرنى تونۇشنى، ھەتتا فرانسۇز تىلىنى سۆزلەشكە باشلىغان. يېقىندىن بۇيان قىزىنىڭ تېخىمۇ ئەقىللىقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال قىزىنىڭ ئەقلىي-ئىقتىدار دەرىجىسىنى بىلىش ئۈچۈن مۇتەخەسىسكە ئاپىرىپ ئۆلچەتكەندە، ئەقلىي ئىقتىدارى ئويلىمىغان يەردىن 152 چىققان، بۇ ئەر-ئايالنى ھەيران قالدۇرغان. ئەنگىلىيىك فىزىكا ئالىمى خوككىننىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى 140، ئېينىشتىيىننىڭكى 160 ئەتراپىدا ئىدى. جوجىيانىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئىككى ياشتىلا 152 بولۇپ، ئېينىشتىيىنغا ئازلا قالغان. ھازىر ئىككى ياشلىق جوجىيا، 51ياشلىق دادىىسى مادىن، 44 ياشلىق ئانىسى لۇسى ۋە تۆت ئاكا-ھەدىسى بىلەن ئەنگىلىيەدە ياشاۋاتىدۇ، ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، نورمال ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار سەۋىيىسى 100 بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارى 152يەتكەن جوجىيا ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان تالانت ئىگىسى دائىرىسىگە تەۋە بولغان. بالىلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئەنگىلىيىلىك مۇتەخەسىسنىڭ دېيىشىچە، جوجىيا بۇ ئۆمرىدە ئۇچراتقان ئەڭ تالانتلىق قىز بالا ئىكەن.

  جوجىيانىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ دېيىشىچە، قىزى ھەرقانداق نەرسىنى ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالىدىكەن. 5 ئايدىلا ئۆمىلەپ، توققۇز ئايدىلا مېڭىپتىكەن. 14ئاي بولغاندا، ئۆزىنىڭ كىيىمىنى ئۆزى كىيىپتىكەن. ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرىدىكەن، بەزىدە تېخى ئۆزىVCDپلاستىنكىسى قويۇپ فىلىم كۆرىدىكەن. جوجىيانىڭ تىلى بالدۇر چىققان بولۇپ، 18ئاي بولغاندا، باشقىلار بىلەن نورمال سۆھبەت ئېلىپ بارالايدىغان بولغان. دائىم باشقىلارغا:«مېنىڭ ئىسمىم جوجىيا، بۇيىل بىر ياشقا كىردىم» دەيدىكەن. ئۇ ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ ئايىقىنى ئۆزى كىيىدىكەن، ئوڭ-سول ئايىقىنى ھەرگىزمۇ ئالماشتۇرۇپ قويمايدىكەن. جوجىيانىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىمۇ كىشىنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرىدىكەن. بىر قېتىم مادىن ئەر-ئايال قىزى بىلەن بىللە كىنوخانىغا بېرىپ «گۈزەل قىز ۋە مەخلۇق»دېگەن كىنونى كۆرۈپتۇ، كىنودىن چىققاندا جوجىيا ئاتا-ئانىسغا قاراپ ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن: مەن جاستۇننى ياخشى كۆرمەيمەن(كىنودىكى سەلبىي پېرسوناژ)، چۈنكى ئۇ بەك رەزىل ۋە ھاكاۋۇر ئىكەن، دېگەن.

  ئانىسى لۇسى قىزىنىڭ ھېكايە«ماتىلدا»دىكى تالانتلىق پېرسوناژ ماتېلداغا ناھايىتى ئوخشاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، قىزىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەربىيەسىدىن ناھايىتى ئەنسىرەپ، ئەنگىلىيە مائارىپ پىسخولوگى فرىمەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭدىن تەكلىپ سورىغان. فرىمەن پىسخولوگ جوجىياغا ئۆلچەملىك ئەقلىي ئىقتىدار دەرىجە سىنىقىنى يۈرگۈزگەن. نەتىجىنى كۆرگەن پىسخولوگ فرىمان داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان، ئۇ يۈرگۈزگەنIQسىنىقى جوجىيانىڭ ھەقىقىي ئەقلىي ئىقتىدار سەۋېيىسىنى ئۆلچەشكە يېتىشەلمىگەن. پىسخولوگ فرىمان: «ئەسلىدە بۇ خىل ئۆلچەشمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن، جوجىيا ھەقىقەتەنمۇ مول ئىجادچانلىققا ئىگە ئىكەن، گەرچە ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن بولسىمۇ،تەپەككۇر قىلىشقا ناھايىتى ماھىر ئىكەن، دېگەن. پىسخولوگ فرىمان ئۇنىڭغا ئىككى ياكى ئون ياغاچ ئويۇنچۇقنى ئەكېلىشكە بۇيرىغاندا، ئۇ خۇددى بەش ياشلىق بالىلاردەك ئىنكاس قايتۇرغان، ئۇنىڭغا بىر يۇمىلاق چەمبىرەك سىزىشنى بۇيرىغاندا، نۇرغۇن ئادەملەر خىلى كۈچىگەندە سىزالايدىغان ناھايىتى ئۆلچەملىك دۈپدۈگىلەك چەمبىرەكنى سىزالىغان. بۇ ئۇنىڭ قەلەمنى قانداق ئىشلىتىشنىلا ئەمەس، بەلكى چەمبىرەك دېگەن ئۇقۇمنىمۇ چۈشىنەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە، جوجىيا ھال رەڭ بىلەن سۆسۈن رەڭنى پەرق قىلالايدىكەن، نۇرغۇن بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپنى ئوقۇغاندا ئاندىن بۇ خىل پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئۆگىنەلەيدىكەن. فرىمان پىسخولوگ ئۇنىڭغا: «ھال رەڭلىك كۆڭلىكىڭىز بەك يارىشىپتۇ»دېگەندە، ئۇ:«بۇ ھال رەڭ ئەمەس، سۆسۈن رەڭ» دېگەن. نۇرغۇن بالىلار بەش ياشقا كىرگەندا ئاندىن رەڭ ئۇقۇمىنى ھېس قىلالايدىكەن، ھال رەڭ بىلەن سۆسۈن رەڭنى پەرق ئېتىشنى دېمەيلا قويايلى. پىسخولوگ فرىمان ھەر قېتىم ئۇنىڭغا سىناق يۈرگۈزگەندە، ئۆزىگە بۇ بالا ئىككى ياشتا دېگەننى ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەنتۇق.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە