4-نويابىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 18 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. رەئىس خۇ جىنتاۋ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 2307 نەپەر ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى. قۇرۇلتايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى. يىغىندىن بۇرۇن نۇرغۇن ۋەكىللەر خەلق سارىيى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، بۇ ئەھمىيەتلىك مىنۇتلاردىن ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرە قالدۇرۇشتى .