- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جۇڭگودىكى تۇنجى ئايروپىلان تۆت مۇلازىمەت دۇكىنى ئايال ئۇچقۇچىلار ئەترىتى يېتىشتۈردى(1)
2012.11.15 14:18
11-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇخەي خەنشىڭ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئايال ئۇچقۇچىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى، جۇخەي خەنشىڭ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى جۇخەيدە ئامېرىكا گلاسئاير ئايروپىلان ياساش شىركىتىنى سېتىۋالغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا يەنە جۇڭگودىكى تۇنجى ئايروپىلان تۆت مۇلازىمەت دۇكىنىنىڭ نامى «جۇخەي شىرۈي» دىن «جۇخەي خەنشىڭ»غا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا يەنە مەزكۇر شىركەت ئاۋىياتسىيە كەسپىدىن تاللىغان 16 نەپەر ئايال ئۇچقۇچىمۇ قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ داۋېي فوتوسى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە