باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى ئامېرىكىنىڭ كۇبانى قامال قىلىشنى تېزدىن توختىتىشنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى

2012.11.15 14:32        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن 13-نويابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا كۇبانى ئىقتىساد، سودا ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتە قامال قىلىپ، كۇباغا غايەت زور ئىقتىسادى زىيان ۋە مالىيە زىيىنى كەلتۈرۈپ، كۇبا خەلقىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزدى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۇبا بىلەن ئالاقە قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، 3-دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ كۇبانى قامال قىلىشنى تېزدىن توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  67-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى شۇ كۈنى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن «ئامېرىكا قوشمائىشتاتى كۇبانى ئىقتىساد، سودا ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتە قامال قىلىشنى توختىتىشى كېرەك» دېگەن قارارنى ماقۇللاپ، ئامېرىكىدىن كۇباغا يېرىم ئەسىرگە يېقىن قارىتىلغان ئىقتىساد، سودا ۋە پۇل مۇئامىلە جازاسىغا دەرھال خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  ۋاڭ مىن ئاۋاز بېرىشتىن بۇرۇن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2011-يىلى 12-ئايغىچە، ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قارىتىلغان قامىلى كۇباغا 108 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىۋاسىتە ئىقتىسادى زىيان ئېلىپ كەلدى. قامال سەۋەبلىك ماددىي ئەشيالار كەمچىل بولۇپ، كۇبا ئىقتىسادى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. قامال كۇبا خەلقىگە غايەت زور ئازاب ئېلىپ كەلدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە