باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا بېغىشلاپ ماقالە ئېلان قىلدى

2012.11.15 09:19        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 14-نويابىر پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا بېغىشلانغان «مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ ئالغا ئىلگىرلەيلى» ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئېلان قىلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدا بۈگۈنكى دۇنيا ۋە ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە قارايدىغان بولساق، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئالدىنقىلارغا ۋارسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان زور تارىخىي بۇرچنى زېممىسىگە يۈكلىگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز .چەتئەللىك 1700 دىن ئارتۇق مۇخبىرنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن خەۋەر بېرىشكە تىزىمگە ئالدۇرغانلىقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن بۇ تارىخىي پەيتنىڭ شاھىدى بولدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكىلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2020-يىلغىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2010-يىلىدىكىدىن بىر قاتلىنىدۇ، 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى سىچۇەن ئۆلكىلىك ئېلېكتىر قۇۋۋىتى باش شىركىتىدىن ۋاڭ يۈشياڭ مۇنداق دېدى: بىرى ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدار كۆسەتكۈچى، يەنە بىرى خەلق تۇرمۇشى كۆرسەتكۈچى، بۇ ئىككىسىنى بىر قاتلاش تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتىدىن تېخىمۇ كۆپ خەلقنى باراۋەر بەھرىمان قىلدۇرۇش قارىشىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدۇ.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يۈز يىللىق ئىزدىنىشتىن قالغان تارىخىي تەجىربىلەر، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئىزدىنىش كۈرىشى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم بايرىقى ئاستىدا ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ دەۋر ئىلھامىنى يېزىپ قالدۇردى. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىگىز كۆتۈرۈپ ھەم بېكىنمە قاتمال يولدا ماڭمايمىز، ھەم بايراقنى ئۆزگەرتىدىغان ناتوغرا يولدا ماڭمايمىز، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تەلتەنىلىك ۋەدە ھازىرقى زامان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}