باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت: 18-قۇرۇلتاينىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتا تەسىرى چوڭقۇر(1)

2012.11.16 13:36        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى 14-نويابىر غەلبىلىك يېپىلدى. يېقىندىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىمقى تارىخى كاتتا يىغىنغا يۈكسەك دىققەت قىلىپ ۋە ئىجابىي باھا بېرىپ، 18-قۇرۇلتايدا بىكىتىلگەن تۈرلۈك زور فاڭجېنلارجۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بۇ يىغىن دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ قېتىمقى يىغىن ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتا تەسىرى چوڭقۇر دەپ ھېسابلىدى.

  زىمبابۋې بۇلاۋايو شەھىرىنىڭ باشلىقى كەيىن مادىما مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، يىغىندا جۇڭگونىڭ 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھالىلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىغا ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىكتىن ئەمەلىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەرەققىيات خەرىتىسى تۈزۈپ چىقىلدى. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق بەرپا قىلىپ، ئورتاق گۈللەنگەن ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشتا چىڭ تۇردى، بۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئارزۇسى.

  ھىندونېزىيە دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ تاشقى ئالاقە رەئىسى كاستولىۋۇس شىناگا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم يىغىن. جۇڭگو ھازىر دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە، جۇڭگونىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى دۇنيا ئىقتىسادىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. پۈتۈن دۇنيا 18-قۇرۇلتاينىڭ جۇڭگوغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە دىققەت قىلماقتا.

  پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى داھى تەرەپدارلىرىنىڭ رەھبىرى چادۇرى شۇجات ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تاشقى سىياسەت جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ئەللەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىدۇ. مەيلى بۇ دۆلەتلەر ئافرىقا، ئامېرىكا، ياۋروپا ياكى ئاسىيا قىتئەسىدە بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى بېكىتكەن سىياسەتلەردىن نەپ ئالالايدۇ.

  پېرۇنىڭ ئىقتىساد ۋە مالىيە مىنىستىرى لۇيىس مىگىر كاستىرىيە زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى بۇندىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئون يىللىق ئېشىشنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگو يېڭى ئىقتىسادى تەرەققىيات شەكلىنى تېپىپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ھەمدە مۇۋاپىق تەڭشەش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە