14-نويابىر، نەچچە يۈز پەلەستىنلىك ۋە چەت ئەللىك تىنچلىقپەرۋەر زاتلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رايونلارغا بېرىپ ، يەھۇدىلار ئولتۇراق رايونىغا ئۆتىدىغان يولنى توستى. 14-نويابىر، نەچچە يۈز پەلەستىنلىك ۋە چەت ئەللىك تىنچلىقپەرۋەر زاتلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رايونلارغا بېرىپ ، يەھۇدىلار ئولتۇراق رايونىغا ئۆتىدىغان يولنى توسۇپ ، بۇ ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا داۋاملىق تۇرالغۇ سېلىشىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە پەلەستىننىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 24-قېتىملىق مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلىگەن .
1988–يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ، پەلەستىن ئالجىرىيەنىڭ پايتەختى ئالجىرىيەدە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى رەسىمىي جاكارلىغان . ئەينى چاغدا پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئارافات پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ‹‹ مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى ›› نى ئېلان قىلغان .