- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قوماندانى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ
2012.11.14 16:39 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، نۆۋەتتە چەت ئەلدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى پانېتتا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن : دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئېللوننى تەكشۈرۈشنى باشلىدى ھەمدە ئۇنى ش ئا ئە ت نىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي قوماندانى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش پىلانىنى ۋاقتىنچە توختاتتى . تەكشۈرۈش مەزگىلىدە ئېللون ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋېرىدۇ.
ئېللون 2011-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان . باشقا خەۋەرگە قارىغاندا ، ئېللوننىڭ بۇ قېتىم تەكشۈرۈلۈشى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى پىتروۋىسنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشىندارچىلىق سەتچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . ئەمما ئېللون نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ناتوغرا قىلمىشىنى ئىنكار قىلغان . قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنى ئېللوننىڭ ئۆتكەن ئىككى يىلدا كەيلى ئىسىملىك بىر ئايال بىلەن يوللاشقان 20 ~ 30 مىڭ بەتلىك ئېلخەت مەزمۇنى بىلەن تەمىنلىگەن .
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە