باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش سېكرېتار شى جىنپىڭ «مەسئۇلىيەت» ۋە «خەلق» نىڭ مەنىسىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى تەكىتلىدى

2012.11.19 17:09         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارسى يولداش شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرگە جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. باش سېكرېتارنىڭ قىلغان سۆزىنىڭ ۋەزىنى ئېغىر، خەلققە مايىل، مەنىسى چوڭقۇر بولدى.

  باش سېكرېتار شى جىنپىڭ سۆزلەش جەريانىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان سۆزى « مەسئۇلىيەت » بولدى. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز «داۋاملىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يۈكسەك گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش »، « تىرىشچانلىق بىلەن ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، قەتئىي بوشاشماستىن ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىش »، « ھەقىقىي تۈردە خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقىلىشىش پارتىيەمىزنىڭ باشتىن–ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى قەتئىي رەھبەرلىكىنىڭ يادروسىغا ئايلىنىدۇ ». بۇ خىل ئېغىر بولغان « مەسئۇلىيەت » نىڭ كەينىگە يېڭى بىر قېتىملىق مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئۆزىنىڭ زىممىسىدىكى تارىخىي يۈككە بولغان تونۇشى، جۇڭگو خەلقىگە بەرگە ۋەدىسى يۇشۇرۇنغان. باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى خەلققە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ.

  باش سېكرېتار شى جىنپىڭ تىلغا ئېلىپ ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن سۆزدىن يەنە «خەلق » سۆزى بار. « بىزنىڭ خەلقىمىز ئۇلۇغ خەلق »، « خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يۆنىلىشى، بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز ». ئۇ سۆز قىلىش جەريانىدا ئالاھىدە قىلىپ، خەلق ئىنتىلىۋاتقان « 10 تېخىمۇ » نى تەكىتلىدى، بۇلار « تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم بولغان خىزمەت، تېخىمۇ رازى بولىدىغان كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچىلىك بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتى، تېخىمۇ ئازادە بولغان تۇرالغۇ شارائىتى، تېخىمۇ گۈزەل بولغان مۇھىت، بالىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان، تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشىغا بولغان، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە بولغان ئىنتىلىش » قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ خىل ئاممىنى ھۆرمەتلەش، خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش، پارتىيەمىزنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەك ئىدىيەسى ۋە جان–دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئۆزگەرمەس ئاساسىي مەقسىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى خەلقنىڭ كۆڭلىگە ئازادىلىك بېغىشلايدۇ.

  باش سېكرېتار شى جىنپىڭ سۆز قىلىش جەريانىدا يەنە نۆۋەتتىكى جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك دىققەتنى قوزغاۋاتقان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى، « يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا، پارتىيەمىز نۇرغۇنلىغان ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلمەكتە، پارتىيە ئىچىدە كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر دەرىجىدىكى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بەزى پارتىيەلىك كادىرلار ئىچىدە پارىخورلۇق، چىرىكلىك، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش، شەكىلۋازلىق، ئەمەلدارۋازلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ، بىز بۇنى جەزمەن زور كۈچ چىقىرىپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك ». بۇ خىل ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئىشلارغا بىۋاستە يۈزلىنىش پوزىتسىيەسىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئىرادىسى، جاسارىتى ۋە ئىشەنچى ئەكس ئېتىدۇ. باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى خەلقنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدۇ.

  باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئۇزۇن ئەمەس، لېكىن ئىچكى مەزمۇنى مول، مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بىز ئىشىنىمىزكى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى جەزمەن پارتىيەنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى، ئاممىنىڭ ئىنتىلىشىنى يەردە قويماي، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ باشلامچىلىق قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل ۋە بەختلىك بولغان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قەيسەر، كۈچلۈك ئورنىنى دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا تىكلىگۈسى !!

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە