باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ھاۋا ئارمىيەسى، شياڭگاڭ، ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىملارغا ئاز سانلىق مىللەتتىن ئايال ئەسكەر قوبۇل قىلىدۇ

2012.11.20 15:02        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچىنىڭ بۇ يىل قىش پەسىللىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش تەشۋىقات، سەپەرۋەرلىك خىزمىتى 31-ئۆكتەبىر ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى مەھەللە باشقارمىلىرى، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملاردا يېڭوى ئەسكەر قوبۇل قىلىش پونكىتى تەسىس قىلىندى.

  بۇ يىل يېڭى ئەسكەر قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسى بۇلتۇرقى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن، بىراق، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسكەر سانى كۆپەيگەن.

  بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىن دېڭىز ئارمىيەسىدىن باشقا، ھاۋا ئارمىيەسى، شياڭگاڭ، ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىملارمۇ تۇنجى قېتىم ئاز سانلىق مىللەتتىن ئايال ئەسكەر قوبۇل قىلىدىغان بولدى. بولۇپمۇ شياڭگاڭ، ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىملار ئۈرۈمچى شەھىرىدىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئايال ئەسكەرلىرىنى قوبۇل قىلماقچى.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسكەرلەر بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئەسكەرلىك يېشىغا يەتكەن ئەر ياشلاردىن ئەسكەر قوبۇل قىلىش سالمىقىمۇ زورايتىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئەسكەرلىك يېشىغا يەتكەن ئايال ياشلار دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىقى بېكىتكەن تور بېكىتى http://zbbm.chsi.com.cnغا چىقىپ تىزىملىتىشى كېرەككەن. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تىزىملىتالمىغان ئايال ياشلار 4983894كە تېلېفون بېرىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ياردەملىشىپ تىزىملاپ بېرىدىكەن.

  مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە