باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ لى مىيۇڭباك بىلەن كۆرۈشتى

2012.11.20 16:41        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ شۇ يەر ۋاقتى 19-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن كامبودژانىڭ پايتەختى فنومپىندا كورىيە پىرېزىدېنتى لى مىيۇڭباك بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە چۈشىنىش، بىر بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئېتىبار بېرىش، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساستا ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماستىن بەلكى رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللەپ روناق تېپىشىغىمۇ تۆھپە قوشتى.

  ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۇنيا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورايماقتا، جۇڭگو –كورىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ساقلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  لى مىيۇڭباك جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، كورىيەنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ۋېن جياباۋ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىنچلىقنى قوغداش، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو جەنۇب-شىمال ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىنى قوللايدۇ، ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئومۇمىيلىق ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىنى چىقىش قىلىپ، سۆھبەتلىشىش ئۇچرىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، سەمىمىيىتىنى كۆپىرەك بىلدۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋالقىدەكلا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

  لى مىيوڭباك كورىيەنىڭ ئالاقىدار مەيدانىنى تونۇشتۇرۇپ، كورىيەنىڭ جۇڭگونىڭ يېرىم ئارال ئىشلىرىدا ئوينىغان مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىدىغانلىقى، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە