باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داڭلىق كىيىملەردە «زەھەرلىك» ماددا بايقالدى

2012.11.21 13:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. تاراتقۇلارنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، مەلۇم بىر ئاپپاراتنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشىدە، دۇنيادىكى 20 داڭلىق مودا كىيىملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا زەھەرلىك بۇيۇم ئىشلىتىلگەن. بۇ 20 داڭلىق مودا كىيىم ماركىسى ئارمانى (Armani)، ۋىكتورىيەنىڭ مەخپىيىتى(Victoria’s Secret)، كالۋىن كېلېين (CalvinKlein) قاتارلىق خەلقئارادىكى داڭلىق ماركىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەكشۈرۈشتە بايقالغان زەھەرلىك بۇيۇملار نونىل فىنول پولىئوكسىمېتىلېن ئېفىرى(خېمىيەلىك فورمۇلاسى C33H60O10 ، بۇ ھەممە ئىتىراپ قىلغان مۇھىت ھورمۇنى بولۇپ، ئانىلىق ھورمۇنغا تەقلىد قىلالايدۇ، جانلىقلارنىڭ جىنسىي يىتىلىشى ۋە كۆپيىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ) ۋە ئازوتلۇق بوياش ماتېرىياللىرى چىقىرىدىغان راك پەيدا قىلغۇچى ئاروماتىك ئامىن ئىكەن، ھەمدە زارا، لېۋىس(ZA R A、L evi‘s) نىڭ ئىككى يۈرۈش كىيىمىدىنمۇ دۆلىتىمىزنىڭ تەيۋەن رايونىدا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارنىڭ بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان.

  تورداشلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن بۇرۇن داڭلىق تەنتەربىيە كىيملىرى، دالا كىيملىرىدە «زەھەرلىك كىيىم» بايقالغان ئىدى، بۇ قېتىم 20 داڭلىق كىيىملەردىمۇ بۇ مەسىلە كۆرۈلدى، بۇ داڭلىق ماركىلىق كىيىملەر ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «يېشىل، ساغلام»لىق ئىدىيەسىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا ماس كەلمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. «زەھەرلىك كىيىم» كارخانىلارنىڭ ئىستىمالچىلار ساغلاملىقى ۋە مۇھىت ئاسراشقا بولغان مەسئۇلىيتىدىن جاۋاب ئالىدۇ. تورداشلار يەنە پىكىر بېرىپ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىيىم-كېچەك ساھەسىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان مۇھىت ئاسراش مەسىلىسىنىڭ تەكرار يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، نازارەت قىلىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى مۇراجەت قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە