باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 11-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-سانلىق يىغىنى ئېچىلدى

2012.11.20 16:38        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-سانلىق يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى-جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئەھۋالى ۋە قۇرۇلتاينىڭ روھى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  جيا چىڭلىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمدىلا يېپىلغان پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن مەزگىلدە ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم بىر قېتىملىق يىغىن، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن كۆرەش نىشانى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىش-نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى.

  ليۇ يۈنشەن دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىدا دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە خەلقىنىڭ ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلدى، ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ھەرىكەت پىروگراممىسى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 18-قۇرۇلتاي دوكلاتى ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇلۇپ، دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ ئەقىل پاراسىتى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەنگەن دوكلات. دوكلاتنى تەييارلاش ۋە قۇرۇلتايغا تەييارلىق كۆرۈش جەريانىدا، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار، سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىپ، قۇرۇلتاينىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشتى. ليۇ يۈنشەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ۋە قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي روھىنى ئالتە جەھەتتىن تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تارىخى ئورنى بېكىتىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانى بېكىتىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىلپ بېرىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىرىدىن ۋاڭ گاڭ، دۇ چىڭلىن، لياۋ خۈي، پابالا گېلېلاڭجى، بەي لىچېن، چېن كۈييۈەن، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، دۇڭ جيەنخۇا، خې خۇۋخۇا قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە